فىرانسىيە ئىجتىمائىي راسخوتلار بويىچە بىرىنچى بولدى

فىرانسىيە ئىجتىمائىي راسخوتلار سەرپ قىلىشتا بىرىچنى بولدى.

205065
فىرانسىيە ئىجتىمائىي راسخوتلار بويىچە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى پارىژدا بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى 2014-يىلى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا فىرانسىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ئىجتىمائىي راسخوت سەرپ قىلغان دۆلەت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، فىرانسىيەدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 31.95%نى ئىجتىمائىي راسخوتلار تەشكىل قىلىدىكەن.
فىرانسىيەدىن كېيىن 31% بىلەن فىنلاندىيە ئىككىنچى ئورۇندا، 30.7% بىلەن بېلگىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
تەشكىلات دوكلاتىدا تۈركىيەنىڭ 2014-يىللىق ئىجتىمائىي راسخوتلىرىغا ئورۇن ئاجراتمىدى. بىراق تۈركىيەنىڭ 2013-يىللىق ئىجتىمائىي راسخوتلىرى 12.5% ئەتراپىدا ئىدى.
تۈركىيە تەشكىلاتتا كېيىنكى يىللاردا بۇ تىزىملىكتە چىلى، مېكسىكا ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاخىرقى رەتتە ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. ئىجتىمائىي راسخوتلارنىڭ 2014-يىللىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، مىللىي ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىگە نىسبەتەن 10.4% بولغان كورىيە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاخىرقى رەتتە تۇرىدۇ.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر