ئىراقتا بىر سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
ئىراق سوت مەھكىمىسى بىر سابىق پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سوت مەھكىمىسى سابىق باش مىنىستىر نۇرى ئەل مالىكىگە قارشى ئۆكتىچىلەردىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەت ئەل ئالۋانىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.
مەركەز جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى مالىكىغا قارشى نامايىشلارنى قوللىغان ئالۋانىنى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 406- ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن «قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسى بەردى.
مالىكىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ غوللۇق باشلامچىلىرىدىن ئەھمەت ئەل ئالۋانى، 28-دېكابىردا ئەنباردىكى ئۆيىگە قىلىنغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى، ئەمما ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىلار بىلەن ئەل ئالۋانىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ئىنىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر مۇھاپىزەتچىسى بىلەن بىر ئىنىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
بۇ ۋەقەگە قارىتا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە رايوننىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى. ۋەقەلەردىن كېيىن، سۈننىي قەبىلىلەرگە قاراشلىق كۈچلەر يىغىلىپ، «قەبىلە ئىنقىلابچىلىرى» نامى ئاستىدا قوراللىق تەشكىلات قۇرۇپ، ئارمىيەگە قارشى جەڭ ئېلان قىلدى.
قەبىلە ئىنقىلابچىلىرى ئىراقتا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايوننى قولغا كىرگۈزگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى قوللىغان ئىدى. ئىراق ئارمىيەسىمۇ «قەبىلە ئىنقىلابچىلىرى» بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ ئەنبار ۋە ئەتراپىدا پاناھلىۋاتقانلىقلىرىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئەنبار ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.