ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەسىر دائىرىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىدى

ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئىككى ناھىيەدىن ئايرىلىپ قالدى.

203204
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەسىر دائىرىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشلەر داۋاملاشماقتا.
ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئىراقنىڭ دىيالا ئۆلكىسىگە قاراشلىق جەلەۋلا ۋە سادىيە ناھىيەلىرىنى قايتۇرۇپ ئالدى.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا 20 نەپەر پەشمەرگە ئۆلدى، 40تىن ئارتۇق پەشمەرگە يارىلاندى. ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بولغان ئىككى ناھىيەدىن ئايرىلىپ قالغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ دىيالا ناھىيىسىدە تەسىر دائىرىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى رايوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن دىيالاغا قاراشلىق خانەكىن ناھىيىسى بىلەن ئەتراپىدىكى ناھىيە ئاھالىلىرى ھاۋاغا ئوق ئېتىپ خوشاللىقىنى ئىپادىلەشتى. سۈرىيەنىڭ كوبانى ناھىيەسىدىمۇ توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. خارابىلىككە ئايلانغان ناھىيەدىن كۆتۈرۈلگەن تۇمانلارنى تۈركىيەدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارمۇ سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر