خىتايدا بىر ئايدا 1448 ئادەم يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلدى

خىتايدا ئۆكتەبىر ئېيىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن 1448 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

195102
خىتايدا بىر ئايدا 1448 ئادەم يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلدى

تۈركىيە ئۋازى رادييوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئۆكتەبىر ئېيىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ خىتاي مىقياسىدا 1448 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تۇبېركۇليۇز، سىفلىس ۋە دېنگېي قىزىتمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، 2 كىشىنىڭ ۋابادىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. ئۆكتەبىر ئېيىدا 609 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە دۇچار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتايدا ئۆتكەن ئاي، مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا 11989 ئادەمنىڭ يۇمۇقلۇق كېسەللىكلەر يۈزىسىدىن ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر