قۇددۇستا يەھۇدىي چېركاۋى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

قۇددۇستا بىر يەھۇدىي چېركاۋى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 كىشى قازا قىلغان، 1 ئېغىر جەمئىي 6 كىشى يارىلانغان.

194101
قۇددۇستا يەھۇدىي چېركاۋى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇستا يەھۇدىي چېركاۋى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
قۇددۇستا بىر يەھۇدىي چېركاۋى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 كىشى قازا قىلغان، 1 ئېغىر جەمئىي 6 كىشى يارىلانغان.
تاپانچا ۋە پىلىموتلار بىلەن چېركاۋغا بېسىپ كىرگەن ئىككى كىشى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، زوراۋانلارنىڭ كىملىكى توغرۇلۇق تېخىچە مەلۇمات بەرمىدى.
ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى ھەپتىلەردە بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن سۈركىلىشتە 5 ئىسرائىلىيەلىك، 1 ساياھەتچى ۋە 10 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر