پاكىستان سوتى ئۆكتىچى رەھبەرلەرنى تۇتۇش قارارى چىقاردى

پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سوت مەھكىمىسى ئۆكتىچى سىياسەتچى ئىمران خان ۋە دىنىي ئۆلىما تاھىرۇل قادىرنى تۇتۇش قارارى چىقاردى.

189101
پاكىستان سوتى ئۆكتىچى رەھبەرلەرنى تۇتۇش قارارى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان سوتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ ئىسلامئابادتىكى پاكىستان تېلېۋىزىيەسىگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. پاكىستاندا ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان نامايىشلار توختىمىدى. نامايىشچىلار باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنى ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. باش مىنىستىر شەرىف بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قارشى چىققان ئىمران خان باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنىڭ ئۆزىنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پاكىستان خەلقىنى 30 – نويابىر نامايىش قىلىشقا چاقىردى.
ئىمران خان بىلەن تاھىرۇل قادىر پايتەخت ئىسلامئابادتىكى نامايىشلارغا رەھبەرلىك قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر