ب د ت ئۇكرائىنادىن ئەنسىرىمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي توپلاندى.

188782
ب د ت ئۇكرائىنادىن ئەنسىرىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىنانىڭ چاقىرقىغا بىنائەن شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى. ب د ت مۇئاۋىن كاتىپى تويبېرگ فراندزېن: «ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنىڭ قايتا باشلىنىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، رۇسىيە – ئۇكرائىنا چېگراسىدا بىخەتەرلىكىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى تىنچلىق يولىدىكى توسقۇنلۇقلاردىن بىرى» دېدى. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (AGİT) نىڭ ئۇكرائىنا ئالاھىدە ۋەكىلى ئەرتۇغرۇل ئاپاكان يىغىنغا تېلېكامېرا ئارقىلىق قاتنىشىپ، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى سامانسا پوۋېر، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنى ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ۋە بۆلگۈنچىلەرنى قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىيېل گرانت، رۇسىيەگە ئەسكەرلىرىنى ۋە قوراللىرىنى ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر