يەھۇدىيلارنىڭ بىر جامەگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

«رادىكال يەھۇدىي كۆچمەنلەر جامەگە ئوت قويۇپ بەردى» دېگەن خەۋەر تارقالدى.

187613
يەھۇدىيلارنىڭ بىر جامەگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رادىكال يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ راماللاھقا جايلاشقان ئەل مۇغىر يېزىسىنىڭ جامەسىگە ئوت قويۇپ، تاملىرىغا ئەرەبلەرگە قارشى شوئارلارنى يازغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەن سەھەردە جامەگە بارغان يېزا خەلقى جامەنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئوتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگىمۇ تۇتاشقانلىقىنى بايقىغان.
يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئۆزلىرىگە يېقىن جايلاردىكى پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىدە بولماقتا ۋە پات – پات پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇپ بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر