ئامېرىكا مەسجىدى ئەقسا ۋەقەسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەسجىدى ئەقسا ۋەقەسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەسجىدى ئەقسا ۋەقەسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرىدىن سىرت يەنە، باشقا ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن باش ئەلچىلەرمۇ ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە ئىيوردانىيە دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلەشمەكتە.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يېن پىساكى، كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، زوراۋانلىقنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىنى ئەيىبلەش ۋە تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش ھوقۇقىنى بارلىقىنى، شۇڭا ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن پىساكى، غەززەدىكى پۇقراۋى ئۆلۈملەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرى پۇقراۋى ئۆلۈملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن پىساكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋەقەلەرگە قارىتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.