ناتو ئافغانىستانغا كاپالەت بەردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ، ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن تەقدىردىمۇ ئافغانىستاننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

183532
ناتو ئافغانىستانغا كاپالەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ كابۇلدا تويۇقسىز زىيارەتتە بولدى. ستولتېنبېرگ كابۇلدا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشۈپ، قوللاشلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەردى.

ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى، ئافغانىستاننى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلغانلىقىنى، ئافغان ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن ياخشى كېلەچەك زېمىن ھازىرلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئافغانىستاندىكى جەڭچى كۈچلىرىنى ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چېكىنىدۈرۈپ چىقىپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقان ناتو، ئافغانىستانغا ھەر يىلى 4 مىليارد دوللار ياردەم قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ناتو ئالدىمىزدىكى يىلى ئافغانىستاندا ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە 12 كىشىنى قالدۇرۇپ قويىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر