ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ئى ش ئى د باغدادنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەيجى بازىرىنى تالىشىپ كەسكىن جەڭ قىلماقتا.

ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د ) ئوتتۇرىسىدا، باغدادنىڭ شىمالىدىكى ۋە ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى جايلاشقان بەيجى بازىرىدىكى ئۇرۇش شىددەتلىك تۈسكە كىردى.
كوبانىدىمۇ ئۇرۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن قوراللىق كۈرت گۇرۇپپىلار ئى ش ئى د غا قارشى جەڭ قىلماقتا. بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ دۈشەنبە (3-نويابىر) دىن باشلاپ، ئى ش ئى د نۇقتىلىرىنى تۆت قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىدا «ئەل قائىدە تەشكىلاتى» غا چېتىشلىق بىر گۇرۇپپىنى يوقاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر