ئاۋستىرىيە مۇسۇلمانلىرى يېڭى قانۇن لايىھەسىگە نارازى

«ئاۋستىرىيەلىك مۇسۇلمانلار ھەرىكىتى» مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى ھەق – ھوقۇقلىرىغا چەكلىمە قويغان ئىسلام قانۇنى لايىھەسىنىڭ قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

181522
ئاۋستىرىيە مۇسۇلمانلىرى يېڭى قانۇن لايىھەسىگە نارازى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئاۋستىرىيەلىك مۇسۇلمانلار ھەرىكىتى»، 4 – نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىسلام قانۇنى لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى. ئەزالاردىن سابرىنا فۇچىس، ئاۋستىرىيەلىك بولۇپ دۇنياغا كەلگەنلىكلىرىنى ۋە بىر قانچە يىل ئىسلامنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، لايىھەدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىنلىكلىرىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىسلام قانۇنى بىلەن ماسلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە: «بىز ھەم ئىسلامنى ھەمدە ئاۋستىرىيە مەدەنىيىتىنى بىر يۈرەكتە توشۇيمىز» دېدى.
ئاۋستىرىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 2 – ئۆكتەبىر پارلامېنتقا سۇنۇلغان «ئىسلام قانۇنى لايىھەسى» دە، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە باراۋەرلىك ھوقۇقىغا چەكلىمىلەر قويۇلغان ئىدى. چەت ئەللەردىن ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىشنى چەكلەش ماددىسى لايىھەدە تەنقىد قىلىنغان ماددىلارنىڭ بىرىنچى رىتىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ماددا بويىچە بولغاندا، جامە ۋە جەمئىيەتلەر چەت ئەللەردىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالالمايدۇ.
ئىسلام قانۇنى لايىھەسىدە، ئەزا سانى 300 دىن ئاز بولغان جامەلەرنى ئالتە ئاي ئىچىدە تاقاش، ۋىيېننا ئۇنىۋېرستېتىدا ئېچىلىدىغان ئىسلام دىنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىمام قىلىش، ھەر بىر جامائەت دىنىي تەبلىغلىرىدا پايدىلانغان ماتېرىياللارنى نېمىسچە تەييارلاش قاتارلىق ماددىلار تۈزۈلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر