ب د ت ئىراق مەسىلىسى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىراق مەسىلىسى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى.

180250
ب د ت ئىراق مەسىلىسى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىراق مەسىلىسى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ئىراقتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئىراقتا ئى ش ئى د تېررورىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن ناھايىتى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، دۆلەتتىكى ئاز سانلىقلارنىڭ ئى ش ئى د نىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ كۆپ زىيىنىغا ئۇچرىغان گۇرۇپپىلاردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
ئىراق كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇللاھ شەللال ئەلجانابى، يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «ئىراقتا تېررور ھۇجۇملىرى تۈپەيلى 2014 – يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 4 مىڭ 123 كىشى ئۆلدى، 16 مىڭ 625 كىشى يارىلاندى» دېدى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تۈركىيە ھەيئىتى، ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دەرھال قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ، تېخىمۇ قانۇنىي بىر قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى، ئىراقنىڭ دۆلەتتىكى ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ۋەكىللىك نوپۇزىنى كۈچەيتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر