مەھمۇت ئابباس قۇددۇس ۋە مەسچىدى ئەقسا ئۈچۈن بايانات ئېلان قىلدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس قۇددۇس ۋە مەسچىدى ئەقسادىكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

178921
مەھمۇت ئابباس قۇددۇس ۋە مەسچىدى ئەقسا ئۈچۈن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس پەلەستىن قۇتۇلۇش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى يىغىنىدا: «قۇددۇس بىلەن مەسچىدى ئەقسا مەسىلىسى ۋە يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلدى» دېدى.
ئۇ مەسچىدى ئەقسانىڭ بۇرۇنقىدەك قوغدىلىشىنى چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پەلەستىن ھۆكۈمىتى قۇددۇس ۋە مەسچىدى ئەقساغا قارىتىلغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇرۇنمۇ ئەسكەرتكىنىمىزدەك، ئەقسا مەسچىدى بىز ئۈچۈن مۇقەددەس ماكاندۇر. بۇ يەردە قىلىنغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا قارشىمىز.»
ئۇ يەنە، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ «تىنچلىق» سىگنالى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: «بىزمۇ تىنچلىقنى قوللايمىز. ۋەقەلەرنىڭ ئادەمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان كىرىزىسكە ئىتتىرىلىشىنى خالىمايمىز. بىز تىنچلىقنى خالايمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر