ھېيگىل ئاق ساراينىڭ سىياسىتىدىن نارازى

ھېيگىل، سۈرىيەدە ئى ش ئى د گە قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى كۈچلىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

175913
ھېيگىل ئاق ساراينىڭ سىياسىتىدىن نارازى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېيگىل، سۈرىيەدە ئى ش ئى د گە قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى كۈچلىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ھازىرمۇ «بەششار ئەسەد ھاكىمىيەتتىن ئارىلىشى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە كۆرە، ھېيگىل ئاق ساراينىڭ بەششار ئەسەد سىياسىتىدىن نارازى ئىكەن.
ئوبامانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىگە مەكتۇپ يوللىغان ھېيگىل، ۋاشىنگىتوننىڭ بەششار ئەسەد توغرۇلۇق تېخىمۇ ئوچۇق پىلان تۈزۈپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر