ئىسرائىلىيە شىۋېتسىيەدىن «پەلەستىن» ئىنتىقامىنى ئېلىشقا باشلىدى

شىۋېتسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپلا ئىسرائىلىيە ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تېل ئاۋىۋغا چاقىردى.

175455
ئىسرائىلىيە شىۋېتسىيەدىن «پەلەستىن» ئىنتىقامىنى ئېلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىمانوۋىل نىھشون، «مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىشقا پايدىسىز كېرەكسىز بۇ قارار بىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ۋە بىئارام قىلدى» دېدى.

باياناتچى، 2012- يىلىدىن بۇيان باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىسھاق بىشماننىڭ ۋاقىتسىز ئىسرائىلىيەگە چاقىرتىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىۋېتسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانىدى. پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس شىۋېتسىيەنىڭ قارارىغا «جاسارەتلىك ۋە تارىخىي بىر قارار» دەپ باھا بەرگەن بولسا، ۋاشىنگتون «ۋاقىتسىز ئېلىنغان قارار» دەپ قارىغانىدى.

شىۋېتسىيە دىپلوماتىيە مىنسىتىرى مارگو ۋولستروم بايانات بېرىپ، «ھۆكۈمەت بۈگۈن پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەكىتلەيدىغان مۇھىم بىر قەدەم» دېگەنىدى.

ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان، شىۋېتسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا <ئەپسۇسلىنارلىق> دەپ باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭ پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا قەتئىي پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر