ب د ت دىن سۈرىيەلىكلەرگە باغرىنى بېسىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش چا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سۈرىيەلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە باغرىنى بېسىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش چاقىرىقى...

174887
ب د ت دىن سۈرىيەلىكلەرگە باغرىنى بېسىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش چا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سۈرىيەلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە باغرىنى بېسىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش چاقىرىقى...
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، خەلقئارا جەمئىيەتنى سۈرىيەلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنى قىزغىن قوللاشقا چاقىردى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «سۈرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنى ماختاش يېتەرلىك ئەمەس. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ يۈكنى ئورتاقلىشىشى شەرت» دېيىلدى.
ئىيوردانىيە، لىۋان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشتا ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئىلگىرى ۋەدە بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ قىش مەۋسۇمى يېقىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە ساھىبخانىلىقى قىلىۋاتقانلىقى ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى داۋاملىق باغرىغا بېسىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «تۈركىيە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچۈن مىلياردلارچە دوللار چىقىم قىلدى، بىراق بۇ ئاداققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر