خىتايدا بىر چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى بۆسۈلۈپ چۈشتى

خىتايدا بىر چېركاۋنىڭ ئۆگزىسىنىڭ بۆسۈلۈپ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئادەم ئۆلدى.

172166
خىتايدا بىر چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى بۆسۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خېنەن يىنچۈەن ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر يېزىدىكى چېركاۋدا، يەكشەنبە كۈنى (26 – ئۆكتەبىر) 30 ئادەم ئىبادەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا چېركاۋنىڭ تاختايدىن ياسالغان ئۆگزىسى بۆسۈلۈپ كەتكەن. ۋەقەدە ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 19 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر