ئامېرىكا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىىغانلىقىنى جاكارلىدى.

170596
ئامېرىكا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ۋاشىنگىتون، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ، كوبانىدىكى ئى ش ئى د كە قارشى كۈرەش قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايونغا بېرىشىغا يېشىل چىراق ياقتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يېن پىساكى، پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ، ئى ش ئى د گە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈچلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە كوبانىگە بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پىساكى، بىراق دۆلىتىنىڭ بۇنى قولايلاشتۇرۇشتا رول ئوينايدۇ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، ئۇدا 3 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تىرىشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر