مىسىردا ئۈچ كۈنلۈك جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىندى

مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋە ھەربىي بىخەتەرلىك نۇقتىلىرى نىشان قىلىنغان ئىككى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 33 كە يەتتى.

170597
مىسىردا ئۈچ كۈنلۈك جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىندى

مىسىردا ئۈچ كۈنلۈك جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋە ھەربىي بىخەتەرلىك نۇقتىلىرى نىشان قىلىنغان ئىككى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 33 كە يەتتى. ھۇجۇملاردا كۆپ ساندا ئەسكەرلەرنىڭمۇ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەلەردىن كېيىن رايوندا 3 ئايلىق جىددىىي ھالەت ۋە سائەت 7 دىن 17 گىچە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى. مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى، بىر قارارنامە ئارقىلىق بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىر غەززە بىلەن چېگرىداش بولغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىدى. پىرېزىدېنت سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قوراللىق قىسىم ئالى كېڭىشىنىڭ پىرېزىدېنت سىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددىي يىغىن چاقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر