ياپونىيەدە قوش ئاپەت

لوياما ۋە ساكۇراجىما يانار تاغلىرىنىڭ ساندائى يادرو ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئاران 60 كېلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنكى ئالاقىدار مەسئۇللار بىلەن خەلقنى ھەممىدىن بەك ئەندىشىگە سالماقتا

169606
ياپونىيەدە قوش ئاپەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە قوش ئاپەت يۈز بېرىش خەۋپى كۆرۈلمەكتە.
ياپونىيە ھاۋا رايى ئىدارىسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئوياما يانار تېغى ئەتراپىدا يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ يانار تاغنىڭ پارتلىشىنىڭ بىشارىتى بولۇشىمۇ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
شۇڭا تاغ ئەتراپىدىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈگەن ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرگە قاراتقان ئاگاھلاندۈرۈشلىرىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.
بولۇپمۇ لوياما ۋە ساكۇراجىما يانار تاغلىرىنىڭ ساندائى يادرو ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئاران 60 كېلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنكى ئالاقىدار مەسئۇللار بىلەن خەلقنى ھەممىدىن بەك ئەندىشىگە سالماقتا.
ياپونىيە خەلقى فۇكۇشىماغا ئوخشاش بىرەر ئاپەتكە يول ئېچىش خەۋپى سەۋەبىدىن يادرو ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما ھۆكۈمەت بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر