ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى كوبانىغا ياردەم بېرىش قارارى ئالدى

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى كوبانىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 1500 كىشىلىك ئەسكەر ئەۋەتىش قارارى ئالدى.

169482
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى كوبانىغا ياردەم بېرىش قارارى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى كوبانىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 1500 كىشىلىك ئەسكەر ئەۋەتىش قارارى ئالدى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەپ ھەربىي ھەرىكەت ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىدىنمۇ ھەربىي ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى خىزمىتى جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «كوبانىنى ئى ش ئى د دىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن كوبانىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېيىلدى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كوبانىدە ئى ش ئى د نىڭ كونتىروللۇقىدىكى تەل شېئىر ئېگىزلىكىنى بومباردىمان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر