ئوباما غېنى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئەھمەدزائى بىلەن كۆرۈشتى.

168166
ئوباما غېنى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئەھمەدزائى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، ئوبامانىڭ ئەشرەف غېنى ئەھمەدزائى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاستىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىغا، مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھمۇ ئىشتىراك قىلغان. مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەشرەف غېنى ئەھمەدزائى بىلەن ئابدۇللاھنى ماختىغان ئوباما، ۋاشىنگتوننىڭ مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىغا قارىتا ۋەدىسىنى تەكرارلىغان ھەمدە ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇچرىشىشتا، ئافغانىستاننىڭ قىسقا مۇددەتلىك خامچوت ئىسلاھاتلىرى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سىجىل ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
ئوباما، ئەشرەف غېنى ئەھمەدزائى بىلەن ئابدۇللاھنى كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسارايدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر