ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرى داۋاملاشماقتا

ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرى ۋىيانادا داۋاملاشماقتا

168493
ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يادرو مۇزاكىرىلىرى ۋىيانادا داۋاملاشماقتا.
مۇزاكىرىلەرگە مۇتەخەسىسلىك سەۋىيەسىدە قاتناشقان تەرەپلەر مەركەزدىن خالىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى ۋە ئۇران قويۇقلاندۇرۇش سەۋىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.
ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر بۇ يىل 20-يانۋاردا ۋاقىتلىق كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئىدى، بىراق بۇ كېلىشىم بۇ يىل ئىيۇندا ئاخىرلاشتى.
مۇزاكىرىلەرنىڭ 24-نويابىرغىچە داۋاملىشىشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىرانغا قارىتىلغان ئېمباگولاردۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر