پاكىستاندا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كۈۋەيتا شەھىرىدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر بىر مىنبۇسنى ئوققا تۇتۇپ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

168360
پاكىستاندا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ كۈۋەيتا شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم شىئەلەر ياشايدىغان ھازار گانجى رايونىدا موتوسىكلىتقا مېنىۋالغان تۆت ئادەم بىر مىنبۇسنى ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئوققا تۇتقان.
بىلدۈرۈلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاختۇرۇشنى باشلىۋەتكەن.
ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر