باغدادتا شىئەلەرنىڭ بىر جامەسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 15 ئادەم ئۆلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

163666
باغدادتا شىئەلەرنىڭ بىر جامەسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 15 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ھاياتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىغا يەنە بىرسى قوشۇلدى.
پايتەخت باغدادتا شىئەلەرنىڭ بىر جامەسىگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 15 ئادەم ئۆلدى. باغدادنىڭ غەربىگە جايلاشقان ھارتىيە رايونىدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كېلىپ 30 ئادەم يارىلانغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.
بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەنىمۇ ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان قانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سادىر قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلىنماقتا.
دەرۋەقە، باغدادنى قولغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بۇ خىلدىكى قانلىق ھەرىكەتلەر بىلەن خەلقنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ ئېزىشنى مەقسەت قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر