ئىراق ئارمىيەسى مەھزەم رايونىنى قايتۇرىۋالدى

مۇئاۋىن گېنېرال ئابدۇل ۋاھھاب ئەس سەئىدى، شىئە خەلق پىدائىيلىرىدىن تەشكىل تاپقان قوراللىق كۈچلەر بىلەن خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئورتاق ياردىمى ئاستىدا ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تىكرىت بىلەن بەيجى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مەھزەم رايونىنىڭ كونتىروللۇقىنى "ئى ش ئى د" دىن تارتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئىراق ئارمىيەسى مەھزەم رايونىنى قايتۇرىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىراق ئارمىيەسى سالاھىددىن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەھزەم رايونىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى "ئى ش ئى د" مېلېتانلىرىدىن قايتۇرۇپ ئالدى.
سالاھىددىندىكى ھەربىي ھەرىكەتكە مەسئۇل قوماندان مۇئاۋىن گېنېرال ئابدۇل ۋاھھاب ئەس سەئىدى، شىئە خەلق پىدائىيلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئەل ھاشدۇش شابى تەشكىلاتىغا قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر بىلەن خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئورتاق ياردىمى ئاستىدا ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تىكرىت بىلەن بەيجى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مەھزەم رايونىنىڭ كونتىروللۇقىنى "ئى ش ئى د" دىن تارتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن سالاھىددىننىڭ ۋالىيسى ئىبراھىم ئەل جۇبۇرىمۇ خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تىكرىت ۋە بەيجى رايونىنى "ئى ش ئى د"دىن تازىلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاكىمىيەت بوشلۇقى يۈز بېرىۋاتقان ئىراقتا "ئى ش ئى د"نىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار، ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇل قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەرنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئىراقنىڭ نۇرغۇنلىغان يەرلىرىدە ئىراق ئارمىيەسى بىلەن "ئى ش ئى د" ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تۇقۇنۇشلار داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئىراق ئارمىيەسىگە ۋە ئامېرىكىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان "ئى شى ئى د"نىڭ كونتىروللۇقىدىكى بەزى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر