ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قوزغىدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەبرىك تېلېگرامما ئەۋەتىشى، نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

160809
 ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. بۇ ئەھۋال نارازىلىقلارغا سەۋەب بولدى. باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم تەبرىك تېلېگرامما يوللىشى، قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا سوغۇقچىلىق يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى.
ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ياپونىيەدە 19 – ۋە 20 – ئەسىرلەردىكى ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ياسالغان قەبرىستانلىق بولۇپ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا «ئۇرۇش جىنايىتى» ئۆتكۈزۈش بىلەن تونۇلغان ئەينى ۋاقىتتىكى باش ۋەزىر ھىدېكى توجو قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ قەبرىسى مەزكۇر ئىبادەتخانىدا قاتۇرۇلغان. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان يىراق شەرق دۆلەتلىرى، ئىبادەتخانىدىكى رەسمىي خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ياپونىيە ئوڭچىل قاناتلىرى بولسا، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ «مىللىي سىمۋول» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر