ئى ش ئى د كوبانى ۋە فەللۇجەگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) سۈرىيەدىكى كوبانى ناھىيەسى ۋە ئىراقنىڭ غەربىدىكى ئامرىيات ئەل فەللۇجە شەھىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا.

158075
ئى ش ئى د كوبانى ۋە فەللۇجەگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامرىيات ئەل فەللۇجە شەھىرى باغدادقا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنبار رايونىدا قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى شەھىرى. ئىراق دائىرىلىرى ئى ش ئى د قىسىملىرىنىڭ ئۈچ يۆنۈلۈشتىن شەھەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامرىيات ساقچى باشلىقى: «قەبىلىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئەمما، ئامرىيات قولدىن كەتسە ئۇرۇش باغدادنىڭ بوسۇغۇسىغا ۋە كەربالاغىچە تۇتىشىدۇ» دېدى.
ئى ش ئى د باغدادتا ئادەمبومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقتا. ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئادەمبومبا ھۇجۇمىدا 24 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر پارلامېنت ئەزاسى بار. يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا، 50 كە يەتتى. باغداد ھۆكۈمىتى خىت شەھىرىدىكى دۆلەت بويىچە 3 – چوڭ ھەربىي بازىنىڭ ئى ش ئى د نىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. باغداد دائىرىلىرى يەنە، ھەربىي بازىدىكى ئېغىر تىپلىق قوراللار، تانكا ۋە مەشىق قىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئى ش ئى د تەرىپىدىن ئولجا ئېلىنغانلىقىنى، ئامېرىكىدىن ھاۋا ياردىمى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى، ئەمما جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.
بۇ جەرياندا ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئاۋستىرالىيە، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەرلەرگە قانۇنىي كاپالەت بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ھازىرچە ئىراق زېمىنلىرىغا قەدەم باسمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 21 دۆلەتنىڭ ھەربىي باشلىقلىرى تۈنۈگۈندىن (14 – ئۆكتەبىر) بۇيان ۋاشىنگتوندا ئى ش ئى د قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تېلېكامېرا يىغىنى ئارقىلىق ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئى ش ئى د ھەمدە باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر