باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

157627
 باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
شىئەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قازىمىيە رايونىدىكى ئاپتوموبىل كونىترول نۇقتىسىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 25 كىشى ئۆلدى، 50 كىشى يارىلاندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئىراقلىق بىر پارلامېنت ئەزاسىمۇ بار ئىكەن.
ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر