ياپونىيە ۋوڭفوڭ تەيفېڭ بورىنى خەۋپىگە دۇچ كەلدى

ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى خەتىرى كۈچەيمەكتە.

156987
ياپونىيە ۋوڭفوڭ تەيفېڭ بورىنى خەۋپىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇتەخەسسىلەر شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ۋە بوران-چاپقۇننىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ياپونىيە شەرقىي جەنۇبىي رايوندا مەيدانغا كەلگەن فانفون تەيفېڭ بورىنىدىن كېيىن تېخىمۇ شىددەتلىك بولغان ۋوڭفوڭ تەيفېڭ بورىنىڭ خەۋىپىگە دۇچ كەلدى.
مېتېرولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، شامال سائەتلىك تېزلىكى 234 كېلومېتىرغا يېتىپ بوران-چاپقۇنغا ئايلىنىدىكەن. توكيوغا تەھدېت سالغان تەيفېڭ بورىنى 90 كىشىنى يارىلاندۇردى، 1 ئادەم ئېز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.
بوران-چاپقۇن سەۋەبلىك 50 ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى، 300دىن ئارتۇق ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى. ئوكىناۋا ئارىلىدىكى ناھا ھاۋا تەۋەلىكى قاتناشقا توسۇۋېتىلدى. رايوندا 27مىڭ ئۆيگە توك بېرىلمىدى، تەخمىنەن 800مىڭ ئادەمدىن رايوندىن كېتىشى تەلەپ قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر