كاسپىي دېڭىزىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلىدۇ

كاسپىي دېڭىزىدا ئەزەربەيجان بىلەن رۇسىيە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ.

156916
كاسپىي دېڭىزىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھاسانوۋ، ئەزەربەيجان بىلەن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ كاسپىي دېڭىزىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ھاسانوۋ باكۇدا زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيە فېدراتسىيەسى مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال سېرگېي سويگۇ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى. مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى 2015-يىلى ئۈچۈن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
رۇس مەنسەبدېشى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ھاسانوۋ، سويگۇ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەزەربەيجان بىلەن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
كۆرۈشۈشتە كاسپىي دېڭىزىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان ھاسانوۋ، «رۇسىيە بىلەن ئەزەربەيجان، كاسپىي دېڭىزىدا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ» دېدى.
رۇسىيەلىك مىنىستىر سويگۇ بولسا ئاستىراخاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «4-قېتىملىق كاسپىي ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى»دا ئېلىنغان قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ، مىنىستىرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق پىلان لايىھەسىنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى، لايىھەدە ھەربىي مانۋېر، ئادەم يېتىشتۈرۈش ۋە خادىملارنى كەسپىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر