«كوبانى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئەمەس»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي: «كوبانىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن قايغۇرۇۋاتىمىز، ئەمما ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز ئىراقتۇر» دېدى.

154848
«كوبانى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون كېررىي كوبانىدا يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەلەردىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ئەمما بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئەمەسلىكىنى؛ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غا قارشى ئۇرۇشتا ئىراققا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئى ش ئى د غا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمە قىسىمنى بىر پۈتۈن شەكىلدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى: «بىرلەشمە قىسىم ئورتاق ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانسېرى، ئى ش ئى د يالغۇز قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا دۆلىتىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئى ش ئى د بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار ئىراقلىقلاردۇر.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر