رۇھانى يادرو مۇزاكىرىلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن پىرىنسىپ جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى، ئاخىرقى كېلىشىم نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

151677
رۇھانى يادرو مۇزاكىرىلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى يادرو مۇزاكىرىلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن پىرىنسىپ جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى، ئاخىرقى كېلىشىم نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھەسەن رۇھانى، ئۇچرىشىشلاردا دۆلىتىنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسىدە «مىقدار» مەسىلىسىگە ئوخشىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رۇھانى، مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، كېلىشىم توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى مۇزاكىرىلەرنىڭ 14 - ئۆكتەبىردە ۋىيانادا باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇزاكىرىلەر، ئىراننىڭ ئوراننى قايسى سەۋىيەدە قويۇلدۇرۇشى مەسىلىسى تۈپەيلى توختاپ قالغان، ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ 24 - نويابىر ھاسىل قىلىنىشى نىشان قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر