ئىراق ئارمىيەسىنىڭ «تارىخىي خاتالىقى» ئى ش ئى د نىڭ ئىشىغا يارىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) گە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراق ئارمىيەسى «زور خاتالىق» سادىر قىلدى.

147255
ئىراق ئارمىيەسىنىڭ «تارىخىي خاتالىقى» ئى ش ئى د نىڭ ئىشىغا يارىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى، ياردەم ئەشيالىرى ۋە ئارقا سەپ قورال – ياراغلىرىنى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىغا ھاۋادىن ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) مىلىتانلىرىغا تاشلاپ بەرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئىراقلىق بىر ئەمەلدار، بۇ ئىشنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. «ئىراقلىق ئەسكەرلەر بۇ ياردەملەرگە مۇھتاج ئىدى» دېگەن ئىراقلىق مەزكۇر ئەمەلدار، «ياردەملەر خاتا پىلانلاش نەتىجىسىدە بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا كەتتى» دېدى.

ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 19 - سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر