ئامېرىكا تۈركىيەگە ئەلچى ئەۋەتىشكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى بىرلەشمە تەشكىللەش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە تۈركىيەگە ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىدۇ.

147465
ئامېرىكا تۈركىيەگە ئەلچى ئەۋەتىشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جېن پساكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمەدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال جون ئاللېن بىلەن ئاللېننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى برېت ماكگۇركنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پساكى، ئاللېن ۋە ماكگۇركنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى بىرلەشمە تەشكىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىگە ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئەسكىرىي روللىرىدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىگە قانداق ھەسسىلەرنى قوشالايدىغانلىقىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پساكى، «PKK نىڭ نۆۋەتتە ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۇنى قوللاپ – قوللىمايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، PKK نىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر