سۈرىيەدىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا 32 ئادەم ئۆلدى

سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدىكى ئىككى مەكتەپكە يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 32 گە يەتتى.

147266
سۈرىيەدىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا 32 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدىكى ئىككى مەكتەپكە يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 32 گە يەتتى، پارتلاشلاردا 115 ئادەم يارىلاندى.

ھۇمۇس شەھىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلاردا 18 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، كۆپ سانلىقى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ھازىرغىچە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر