پەلەستىندە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

غەززەدە ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇۋاتقان ھاماس، ئەل فەتىھ بىلەن رايوننى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

141481
پەلەستىندە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىندە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
غەززەدە ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇۋاتقان ھاماس، ئەل فەتىھ بىلەن رايوننى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
كېلىشىمگە كۆرە، غەززەنىڭ كونىتروللۇقى ھاماس بىلەن پەلەستىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مىللىي مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىگە ئۆتىدۇ.
مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە بىر يەرگە جەم بولغان ئەل فەتەىھ بىلەن ھاماس مەسئۇللىرى، غەززەدىكى ئىسرائىلىيە قورشاۋىنىڭ بىكار قىلىنىشى، رايوننىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ۋە مەمۇرلارنىڭ مائاشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ئەل فەتىھ ھەرىكىتى مىللىي مۇرەسسەلىشىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەززام ئەل ئەھمەد، تەرەپلەرنىڭ مىللىي مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر بولسا كېلىشىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
غەززەنى قايتا قۇرۇش نىشانى دائىرىسىدە كېلەر ئاي ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرى ھارپىسىدا پەلەستىنلىكلەر ئارا ھاسىل قىلىنغان بۇ كېلىشىمنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر