خىتاي ھۆكۈمىتى: ئىلھام توختى قانۇن بويىچە سوتلاندى

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، ئىلھام توختىنىڭ قانۇن بويىچە سوتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

295821
خىتاي ھۆكۈمىتى: ئىلھام توختى قانۇن بويىچە سوتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى، «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ قانۇن بويىچە سوتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە تارماقلىرى مەزكۇر دېلونى قانۇن بويىچە كۆرۈپ چىقىپ، قارار چىقاردى» دېدى.

خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان خۇا چۇنيىڭ، «باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىگە مۇداخىلە قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئەيىبلىگەن ۋە ھۆكۈمگە «قانۇنسىز» دەپ باھا بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر