يەمەندە شىئەلەر بىلەن ھۆكۈمەت كېلىشىم ھاسىل قىلدى

يەمەندە ھۇسىلەر بىلەن ھۆكۈمەت كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

134395
يەمەندە شىئەلەر بىلەن ھۆكۈمەت كېلىشىم ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھۆكۈمەت بىلەن شىئەلەردىن تەركىپ تاپقان ھۇسىلەر كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
پىرېزىدېنت ئابدۇررابۇ ھادى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن ۋەكىلى جەمال بەنومەر ۋە ھۇسى قەبىلىسى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
كېلىشىمدە ھۇسىلەرنىڭمۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئورۇن ئېلىشى، شىئە مىلىتانلىرى 4 كۈن ئىلگىرى باشلانغان توقۇنۇشلاردا بېسىۋالغان زېمىنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالىدۇ. پىرېزىدېنت ھادى سانئانىڭ بەزى رايونلىرىدا كېچىدە كوچىغا چىقىشنى مەنئىي قىلدى.
يەمەندە بەزى گۇرۇپپىلار ھۇسىلەرنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسا، ھۇسىلەر يىللاردىن بۇيان ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان ھەق-ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر