ئۇكرائىنادا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ 65%ى تۈگىدى

پىرېزىدېنت پوروشېنكو ئۇكرائىنادىكى ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ 65%نىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

134376
ئۇكرائىنادا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ 65%ى تۈگىدى

پىرېزىدېنت پوروشېنكو: ئۇكرائىنادىكى ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ 65%ى تۈگىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن 5 ئايدىن بېرى توقۇنۇپ  كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ توقۇنۇشلاردا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ 65%نىڭ تۈگەپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ پەقەت ھەربىي يول ئارقىلىقلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان پوروشېنكو، رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىنچلىق ھاسىل قىلالمىغان تەقدىردە، ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەگە ئۆتۈشكە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
پوروشېنكو، مەلۇم بىر تېلېۋزىىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىنچلىق ھاسىل قىلىنماسلىق ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۆتكەن ھەپتىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كانادا زىيارىتى ئەسناسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ھەربىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان پوروشېنكو، ئۇكرائىنادىكى قورال-ياراغلارنىڭ كۆپ قىسمىنى رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئىشلىتىپ بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
«نە قەدەر ئۇكرائىنا ئەسكىرى يىغساق، ئۇ قەدەر كۆپ رۇس ئەسكىرى كېلىۋاتىدۇ» دېگەن پوروشېنكو، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ھەربىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پوروشېنكو تىنچلىق مەسىلىسىگە باش مىنىستىر ئارسېنى ياتسېنيۇك بىلەن ئوخشاش قارىمايدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر