ئىران ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەلىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

ئىران بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

133829
ئىران ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەلىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

ئىران بىلەن خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى، مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىدىغان خىتاي دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ تۆت كۈنلۈك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئىراننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بەندەرئابباس شەھىرىدىكى پورتقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مانېۋىرغا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «جەماران» قىسىملىرىدىن باشقا دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.
مانېۋىردا ئاساسلىقى ئالدىن ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش ساھەلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر