بوكو ھارام يەنە 30 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى
بوكو ھارام تەشكىلاتى مىلىتانلىرى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماينوك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.
133821
چارشەنبە كۈن بولسا، كانو شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەم دېگەندىمۇ 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
نىگېرىيە ئەڭ دەسلەپ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا باش كۆتۈرۈپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پايتەخت ئابۇجا قاتارلىق باشقا شەھەرلەرگە كېڭەيگەن بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. يېقىنقى بەش يىلدا مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەشكىلاتنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاچقان مىليونلارچە پۇقرا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
بورنو، يوبې ۋە ئاداۋاما ئۆلكىلىرىدە 2013- يىلى ماي ئېيىدا بوكو ھارام خەۋپى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.