بوكو ھارام تەشكىلاتى چېگرىلىرىنى كېڭەيتمەكتە

نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا ئاتالمىش خىلاپەت دۆلىتى ئېلان قىلغان بوكو ھارام تەشكىلاتى چېگرىلىرىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە.

132045
بوكو ھارام تەشكىلاتى چېگرىلىرىنى كېڭەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا ئاتالمىش خىلاپەت دۆلىتى ئېلان قىلغان بوكو ھارام تەشكىلاتى چېگرىلىرىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە.
مىلىتانلارنىڭ رايوندا بىر ئاي ئىچىدە يەنە 23 يېزا - قىشلاقنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
نىگېرىيەدە كاتولىك راھىبلار، ۋارى شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، بوكو ھارامغا قارشى خەلقئارالىق ياردەم تەلەپ قىلدى.
راھىبلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بوكو ھارام يوبې ئىشتاتىدا 10، بورنو ئىشتاتىدا 10، ئاداۋاما ئىشتاتىدا 5 يېزا - قىشلاقنى قولغا كىرگۈزگەن.
بۇ رايونلاردىكى ياشلارنىڭ مىلىتانلارنىڭ سېپىگە قېتىلىشقا مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقى، قىز بالىلارنىڭمۇ زورلۇق بىلەن مىلىتانلارغا ياتلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن راھىبلار، ھۆكۈمەتنىڭ مىلىتانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
راھىبلار، بوكو ھارامقا قارشى ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
نىگېرىيە ئارمىيەسى بولسا، بوكو ھارامنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى رەت قىلماقتا.
غەربچە مائارىپقا قارشى چىقىۋاتقان بوكو ھارام مىلىتانلىرى ئالدىنقى كۈنى كانو ئىشتاتىدا بىر ئىنىستىتۇتقا ھۇجۇم قىلىپ، 13 ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەن، 34 تىنى يارىلاندۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر