فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 269 قوللاش ۋە 244 رەت ئاۋازى بىلەن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى.
129542
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى.
فىرانسىيە باش مىنىستىرى مانۇئېل ۋالس تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت 269 قوللاش ۋە 244 رەت ئاۋازىغا ئېرىشىپ، نەتىجىدە ئىشەنچ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.
سايلامدا جەمئىي 566 ئاۋاز بېلىتى تاشلاندى. 32 سى ھۆكۈمەتتىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، جەمئىي 53 بىتەرەپ ئاۋاز بېلىتى تاشلاندى.
باش مىنىستىر ۋالس سايلامدىن ئىلگىرى ئومۇمىي كېڭەشتە قىلغان سۆزىدە، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن قەتئىي يانمايدىغانلىقىنى ئېيتقان شۇنداقلا رادىكال ئوڭچىلارنىڭ توھدىتلىرىگە قارشى ئاگاھلاندۈرۇشتا بولغان ئىدى.