خىتاي كالمېگى تايفۇن بورىنى ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

خىتاي تايفۇن بورىنى ئاپىتىنىڭ زەربىىسىگە ئۇچرىدى.

127892
خىتاي كالمېگى تايفۇن بورىنى ئاپىتىگە دۇچ كەلدى


خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئارال ئۆلكىسى خەينەننىڭ ۋىنچاڭ شەھىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان رايونى كالمېگى تايفۇن بورىنى ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.
تايفۇن بورىنى ئاپىتى سەۋىبىدىن خايكوۋ مەيلان ئايرودورۇمىدا 104، سانيا خەلقئارا ئايرودورومىدا بولسا 69 يولىچىلار ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
رايوندا 4300 بىلىقچى پاراخوتىنىڭ ساھىلغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى. 19 مىڭ 924 كىشىنىڭ ساھىل رايونلىرىدىن بىخەتەر جايلارغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۆلكىدە تۈنۈگۈن تايفۇن بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن قىزغۇچ رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ئېلان قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر