مېركېل: يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قەتئىي قارشىمىز

مېركېل يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

126350
مېركېل: يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قەتئىي قارشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، يەھۇدىيلارغا ۋە چەتئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك، شۇنداقلا رادىكاللىقا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ، «مەيلى يەھۇدىي، مەيلى خىرىستىيان، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا، كۈلتۈرىگە ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز ھەممە قاتلام تىنچ ياشايدىغان بىر مۇھىت خالايمىز» دېدى.
مېركېل گېرمانىيە يەھۇدىيلار مەركەز كېڭىشى باشچىلىقىدا پايتەخت بېرلىندا «قوزغال، يەھۇدىي دۈشمەنلىكى قەتئىي بولمىسۇن!» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشتى. تارىخىي بىراندېنبۇرگ قوۋۇقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلغان مېركېل، پىرېزىدېنت جاۋچىم گاۋۇك، بارلىق مىنىستىرلار، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، دىنى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا مەيدانغا يىغىلغان 8000 ئادەمگە خىتاب قىلدى.
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 100مىڭ يەھۇدىينىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مېركېل، كېيىنكى مەزگىللەردە باش كۆتۈرگەن يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. گېرمانىيەدە كېيىنكى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن جامەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار ھەققىدىمۇ توختالغان مېركېل «يەھۇدىي دۈشمەنلىكى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداقلا جامەلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارمۇ قانۇن دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. جامەلەرگە قارشى قىلىنغان ھۇجۇملارغا قەتئىي قارشىمىز. بۇ جىنايەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر