پاكىستان ۋە ھىندىستاندىكى سەل ئاپىتىنىڭ زىيىنى كۈنسىرى ئاشماقتا
شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 400 دىن ئاشتى.
ھىندىستان ۋە پاكىستاندا پەسىللىك يامغۇرلار سەۋەپ بولغان ئاپەت بارغانچە زورايماقتا.
قانچىلغان كۈندىن بۇيان توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن دەريا – ئۆستەڭلەر تاشتى. رايونلار سۇ ئاستىدا قالدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر بىرىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مىڭىلغان كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلدى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.
ھىندىستاندا مىڭلىغان كىشى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشماقتا.
قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە كاتېرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. بىراق شۇنداقتىمۇ خىزمەتلەرنى يېتەرلىك دېگىلى بولمايدۇ.
تېخىچە خەلق يۆتكىلىپ بولالمىغان جايلارغا ئايروپىلان ئارقىلىق يېمەك – ئىچمەك تاشلانماقتا.
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئەۋچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.