شى جىنپىڭنىڭ ئىسلامئاباد زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پاكىستاندا ئېلىپ بېرىشى پىلانلىنىۋاتقان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

117909
شى جىنپىڭنىڭ ئىسلامئاباد زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئۈچ دۆلەت زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئىسلامئاباد بولۇپ، ئارقىدىن ھىندىستان بىلەن سىرىلانكىدا زىيارەتتە بولاتتى. شەنبە كۈنى خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، پاكىستاندا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار سەۋەبىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئىسلامئاباد زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئسىلامئاباد زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۆت ئاساسلىق سەۋەب بار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، پاكىستاندىكى 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 500 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت تارقىلىپ كەتكەن تەقدىردە، خىتاينىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈۋېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ئىككىنچىسى، ئىسلامئابادتىكى جىددىيچىلىق سەۋەبىدىن شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قىيىن بولىدىكەن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسىنى لايىقىدا كۈتۈۋېلىش مۇمكىن بولمايدىكەن. ئۈچىنچىسى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 34 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ تەرەپ، ۋەزىيىتى تۇراقسىز تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن بۇنداق چوڭ كېلىشىملەرنى تۈزۈشنى خالاپ كەتمەيدىكەن. تۆتىنچىسى، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ‹ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى كېچىكتۈرۈش مۇۋاپىق، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ پاكىستان زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ھىندىستان ۋە سىرىلانكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر