خىتايدا 5000 ئىت ئۆلتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باۋشەن شەھىرىدە 5 ئادەم غالجىرلىق كېسىلىگە دۇچار بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن، غالجىر ئىتلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

117614
خىتايدا 5000 ئىت ئۆلتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باۋشەن شەھىرىدە 5 ئادەم غالجىرلىق كېسىلىگە دۇچار بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن، 4900 ئىتنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، 100 مىڭ ئىتقا غالجىرلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغان.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان يۈننەننىڭ باۋشەن شەھىرىدىكى يېزىلاردا كۆپ قېتىم كىشىلەرنى ئىت چىشلىۋېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شىدىيەن ناھىيەسىدىكى تۆت يېزىدا غالجىرلىق بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارىتا غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىت ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. بۇ دائىرىدە، يۈزمىڭ ئىتقا ۋاكسىنا ئۇرۇلغان، غالجىرلىق كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان 187 ئادەم داۋالانغان، 879 ئادەم كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان ۋە رايوندا 4900 ئىت ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئىت ئىگىلىرى ۋە بىر قىسىم ھايۋاناتلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىتلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ۋاكسىنا سېلىش ئارقىلىق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە بايقالغاندىن بۇيان ئىيۇل ئېيىدا بىر، ئاۋغۇست ئېيىدا تۆت بولۇپ جەمئىي بەش ئادەم غالجىرلىق كېسىلى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان. باۋشەن شەھىرىدىكى باشقا يېزىولاردىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئىت چىشلىۋېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

2009- يىلىمۇ بىر قېتىملىق غالجىرلىق كېسىلى بايقىلىشى بىلەن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خەنجۇڭدا 37 مىڭ ئىتنى ئۆلتۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر